Uyghurئاساسىي لۇغەت
لېكلېر
دۇنيا تارىخى
(1771 - ؟) فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىي مەزگىلىدىكى ئەسەبىيلەر ئەربابى. 1790 - 1793 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فرانسىيە تەۋەسىدىكى مارتىنىك ئارىلى ۋە لېئوندا ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە قاتناشقان. شۇنداقلا پارىژدا 1793 - يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ۋە 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىكى قوزغىلاڭغا قاتناشقان. مارات ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، <خەلق دوستلىرى> ژۇرنىلى نامىدا گېزىت تارقىتىپ، <سودا ئاقسۆڭەكلىرى>گە قاتتىق ھۇجۇم قىلغان، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى سودىسىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغان، گۇمانلىق جىنايەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى قولغا ئېلىشنى، ئىنقىلابىي تېرورلۇق يۈرگۈزۈش ۋەھاكازالارنى تەلەپ قىلغان. 1794 - يىلى ئەتىيازدا تۈرمىگە ئېلىنغان. كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن.