Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
立宪玫友会
دۇنيا تارىخى
ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي دوستلار ئۇيۇشمىسى
ياپونىيىدىكى يېقىنقى زامان بۇرژۇئا پارتىيىسى. 1900-يىلى 9-ئايدا ئىتوھىروبۇمى، سايئونجى كىنتىسۇنې، ئوزاكى يۇكىئو (1859 - 1954)، ھوشى تورۇ (1850 - 1190) قاتارلىق كىشىلەر قۇرغان بولۇپ، ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم پارتىيىسى، ئىمپېرىيە پارتىيىسى، نىچىيوشا كۇلۇبى، يولداشلار كۇلۇبى، ئاساسىي قانۇنلۇق ھەقىقەت پارتىيىسى قاتارلىق پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ بىر بۆلەك پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان. ئىتوھىرونۇمى پارتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ، 4-نۆۋەتلىك ئىتو ئىچكى كابىنېتى (1900 - 1901) ۋاقتىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولغان. مىتىسۇئى مالىيە ماگىناتى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇقراق بولپ، ئۇنىڭدىن باشقا ياسۇدا، شىبۇساۋا، ئوكۇرا قاتارلىق مالىيە زورمىگەرلىرىنىڭ، يېتەكچىلىك سودا - سانائەتچىلىرى ۋە پومېشچىكلارنىڭ قوللىشىغىمۇ ئېرىشكەن. ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ساىئونجى كىنتىسۇنې ئىچكى كابىنېتى (1906 - 1911)، ھاراتاكاشى ئىچكى كابىنېتى (1921 - 1922)، تاناكاگىئىچى ئىچكى كابىنېتى (1927 - 1929)، ئىنۇكائى تىسۇيۇشى ئىچكى كابىنېتى (1931 - 3219) قۇرغان. 1932-يىلى ئىنۇكائى تىسۇيۇشى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، سۇزۇكى كىسا بۇرۇ (7186 - 1940) ئۇنىڭ ئورنىغا رەئىس بولغاندىن كېيىن ئىچكى ماجىراسى كەسكىنلىشىپ كەتكەن. 1939-يىلى كۇھارا فۇسانوسۇكې گۇرۇھى ۋە ناكاجىما چىكۇھېي گۇرۇھىغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1940-يىلى بۇ ئىكى گۇرۇھ ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن كونوئې فۇمىمارونىڭ <يېڭى تۈزۈلمە ھەرىىتى> گە قاتناشقان. ئىكىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان ياپونىيە لىبېرالىستلار پارتىيىسى مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئەسلىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنى ئاساس قىلغان.