Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
立窝尼亚战争
دۇنيا تارىخى
لىۋونىيە ئۇرۇشى
روسىيەنىڭ بالتىق دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن 1558 - 1583 - يىللىرى لىۋونىيە رىتسارلار پولكى ھەمدە پولشا، لىتۋا، شۋېتسارىيە، دانىيىلەر بىلەن قىلغان ئۇرۇشى. ⅥⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، بىرلىككە كەلگەن روسىيە دۆلىتى شەكىللەنگەن. ئېۋان Ⅳ تەختتىكى دەۋرىدە (1533 - 1584)، ئەتراپىغا مۇستەملىكىچىلىك كېڭەيمىچىلىكنى كۈچەيتكەن. لىۋونىيە بالتىق دېڭىز بويىغا جايلاشقانلىقتىن، مۇھىم ستراتىگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە بولغۈان. ئىۋان Ⅳ دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياۋرۇپاغا زوراۋانلىق قىلىش ئۈچۈن، 1558 - يىلى 1 - ئايدا، لىۋونىيە رىتسارلار پولكى لىتۋا بىلەن بىرلىشىپ روسىيەگە قارشى تۇردى دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۇرۇش قوزغىغان. ئۇرۇش كىچىك ئاقسۆڭەكلەر ۋە شەھەر سودا - سانائەتچىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1559 - يىلى ئۇرۇش توختىغان. 1560 - يىلى ئۇرۇش قايتا باشلىنىپ، لىۋونىيە رىتسارلار پولكى مەغلۇپ بولغان. 1561 - يىلدىن باشلاپ ئۇرۇش يەنە داۋاملىشىپ، روسىيە - فىنلاندىيە قولتۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى زور بىر بۆلەك يەرلەرنى بېسىۋېلىپ، بالتىق دېڭىزى قىرغىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىپ شۋېتسىيە، دانىيە، پولشا، لىتۋالارنىڭ بىرلىشىپ مۇداخىلە قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇرۇش كېڭىيىپ، روسىيە يېڭىلىپ پولشا (1582) ۋە شۋېتسىيە (1583) بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈشكە مەجبور بولۇپ، بېسىۋالغان يەرلىرىدىن ۋاز كەچكەن.