Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
李沃夫
دۇنيا تارىخى
لۋوۋ
(1861 - 1925) روسىيە بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمتىنىڭ زۇڭلىسى (1917). ئەسلى چارروسىيە گېرتسوگى. چوڭ پومېشچىك ئائىلىسدىن كېلىپ چىققان، كادېت. 1886 - يىلدىن باشلاپ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئىشلىگەن. 1906 - يىلى بىرىنچى نۆۋەتلىك دۆلەت دۇماسىنىڭ ۋەكىلى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پۈتۈن روسىيە يەرلىك ئىتتىپاقنىڭ رەئىسى ۋە يەرلىك بىلەن شەھەرلىك ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئىتتىپاقىنىڭ كاتتىباشلىرىدىن بىرى بولۇپ، جېنىنىڭ بارىچە سانائەت كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى نۆۋەتلىك باش مىنىستىرى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ، ئىيۇل ۋەقەسىنى بەرپا قىلغان. پېتروگراد نامايىشچىلار ئاممىسىنى قىرغان، خەلققە قارشى جاھانگىرلىك سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، فرانسىيگە قېچىپ بېرىۋېلىپ، سوۋېت روسىيىسىگە قارىتا قوراللىق مۇداخىلە قىلىشنى كۈچىنىڭ بارىچە تەرغىپ قىلغان.