Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
六政变
دۇنيا تارىخى
3 - ئىيۇن سىياسىي ئۆزگىرىشى
0719 - يىلى روسىيىدە يۈز بەرگەن ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش. 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى (روسىيە كالېندارى بويىچە) يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. چارروسىيە ھۆكۈمىتى مەملىكەتلىك ئىككىنچى نۆۋەتلىك دۇمانى تارقىتىۋېتىپ، دۇمادىكى سوتسىيال دېموكرات ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى (15 كىشى) نى قولغا ئالغان ۋە سۈرگۈن قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە گېزەندىلەر ۋە قانۇن تۈزۈش پارتىيىسى ئەزالىرىنىڭ دۇمانى ئىگىلىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئەكسىيەتچىل بولغان ئۈچىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك دۇما سايلام قانۇنىنى ئېلاn قىلىپ، ئەسلىدىلا سانى ناھايىتى ئاز بولغان ئىشچى - دېھقانلار ۋەكىللىرى سانىنى كۆپلەپ قىسقارتىۋەتكەن ھەمدە <17 - ئۆكتەبر خىتابنامىسى> نى يىرتىپ تاشلىغان. ئۈچىنچى ئىيۇن سىياسىي ئۆزگىرىشى ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنىڭ ۋاقىتلىق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ ستولپىن ئەكسىيەتچىلىكى باشلانغان.