Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
流血星期日
دۇنيا تارىخى
قانلىق يەكشەنبە
يەنى <9 - يانۋار ۋەقەسى>. روسىيە چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى پېتېربۇرگدىكى تىنچ تەلەپ قويغان ئىشچىلارنى قىرغىن قىلغان ۋەقە. 1905 - يىلى 1 ـ ئاينىڭ باشلىرىدا پۆتىلو زاۋۇتى ئىش تاشلاپ، ئەۋج ئېلىپ پۈتۈن پېتېربۇرگ شەھىرى بويىچە ئومۇمىي ئش تاشلاشقا ئايلانغان. 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى (مىلادى 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، يەكشەنبە) ساقچى ئىدارىسىنىڭ پايلاقچىسى گاپون (1870 ـ 1906) دېگەن پوپنىڭ قۇترىتىشى بىلەن، 140 مىڭ كىشى سەپ تارتىپ قىشلىق سارايغا بېرىپ چار پادىشاھقا تەلەپنامە سۇنۇپ، مەتبەئە، سۆز، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش قاتارلىق ئەركىنلىكلەرنى، سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى ۋە يەرلەرنى دېھقانلارنىڭ ئىگىدارلىقىغا بېرىشنى تەلەپ قىلغان. چار پادىشاھ ئالدىن قەستلەنگەن پىلان بويىچە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ باستۇرغان. تەلەپ قويغان ئىشچىلاردىن مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن.نەچچە مىڭ كىشى يارىدار بولغان. بۇ پاجىئە پۈتۈن مەملىكەت خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا چوڭ ئىش تاشلاش كېلىپ چىققان ھەمدە بۇ 1905 - 1907 - يىللاردىكى ئىنقىلابنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان.