Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
琉善
تارىخ
liú shàn
لوكىيانا
دۇنيا تارىخى
لۇسىيان
(مىلادى 125 - 192). قەدىمكى يۇنان دەۋرىدىكى پەيلاسوپ، ساترىك شائىر. سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ساموساتادا تۇغولغان. ئائىلىسى نامرات بولۇپ، كىچىكىدە ياللانما ئىشچى بولغان. كېيىن ئانتيوكتا ئاقلىغۇچى بولغان شۇنداقلا نۇتۇق تېكىستى يېزىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان. يۇنان، ئىتالىيە، گاللىيە قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلغان ھەمدە ستىلىستىكىدىن دەرس بەرگەن، كىرىمى يىلدىن - يىلغا كۆپەيگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا مىسىردا ئەمەلدار بولغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ نامىدا 80 نەچچە ئەسەر ساقلىنىپ كەلمەكتە (بەزىلىرى يالغان). ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىقى <دىئالوگ> قىسمى، ئۇنىڭدا بەزى ئىدېئالىستى پەيلاسوپلار ۋە شۇ زاماندا ئېقىپ يۈرگەن تۈرلۈك دىنىي خۇراپاتلىقلار ئاممىباب يۇمۇرلۇق سۆزلەر بىلەن مەسخىرە قىلىنغان. دېموكرىت ۋە ئېپكۇرنىڭ ئاتوم تەلىماتى مەدھىيلەنگەن، يېڭى ستوئىكچىلار پەلسەپىسىگە ۋە <روھ ئۆلمەسلىك> سەپسەتىسىگە زەربە بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۇنىڭ مال - مۈلكىنى ئومۇمنىڭ قىلىش ۋە ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشقا ئىنتىلىدىغان ئىجتىمائىي غايىسى ئىپادىلەنگەن. ئۇ قەدىمكى يۇناننىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئاز سانلىق ماتېرىيالىستلار ۋە ئاتېئىزمچىلارنىڭ بىرى.