Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
六大师
دۇنيا تارىخى
ئالتە ئۇستاز
قەدىمكى ھىندىستاندىكى ئالتە مۇتەپەكۇر. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە بۇددا دىنى گۈللەنگەن ھەمدە تارقىلىشقا باشلىغان. بۇ چاغدا ئەسلىدە تارقىلپ يۈرگەن بۇددا دىنىغا ئوخشىمايدىغان ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ تەلىماتلىرى بولسا <بۇددا دىنىغا يات تەلىمات> دەپ ئاتالغان. بۇنىڭ ئىچىدە تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان ئالتە گۇرۇھنىڭ ۋەكىلى <ئالتە ئۇستاز> ياكى <يات دىننىڭ ئالتە ئۇستازى> دەپ ئاتالغان. ئۇلار: جاھاننىڭ رەپتايىغا كىرىۋالغۇچىلارنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى ئاجىتا رەپتايىغا كىرىۋالغۇچىلارنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى ئاجىتاك كېساكامبالا، جايىنىس دىنىنىڭ كەشپىياتچىسى نىگاتتا ناتاپۇتتا، ۋاردامانا، تەقدىرچىلەرنىڭ كاتتىبېشى ماسكارى گوسالىپۇترا، گۇمانخورلارنىڭ ئۇستازى پۇرانا كاسىياپا، چېكىدىن ئاشقان دائىم ئۇچراش سەپسەتىسىدىكىلەرنىڭ -مېخانىكىلىق ماددا مەركىزىنىڭ ئىككى مەنبەسى يوقالمايدۇ نەزەرىيىسى( ئۇستازى كراكۇدا كاتيانا، سوفتلارنىڭ ئۇستازى سانجايا ۋائىراتىپۇترا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.