Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
历史形态学
دۇنيا تارىخى
تارىخىي مورفولوگىيە
مەدەنىيەت فورماتسىيىسى تارىخ قارىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھازىرقى غەرب بۇرژۇئا تارىخشۇناسلىق ئېقىمى. 1917-يىلى 12-ئايدا، گېرمانىيە تارىخ پەيلاسۇپى سپىنگلېر ئۆزى يازغان<غەربنىڭ زاۋال تېپىشى> نى نەشر قىلىپ، مەدەنىيەت فورماتسىيىسى تارىخ قارىشىنى تۇنجى قېتىم تەرغىپ قىلغان. كېيىن ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس تويىنبېي <تارىخ تەتقىقاتى> نى يېزىپ، بۇ ئىلمىي ئېقىمىنىڭ كۆز قارىشىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان. ئەنئەنىۋى دۆلەت پەرقى تارىخى ۋە دەۋر پەرقى تارىخىي چۈشەنچىلىرىدىن ۋاز كېچىپ، مەدەنىيەتنى تارىخ تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى قىلىپ، مەدەنىيەت بىر خىل ھاسىل بولۇش، ئۆسۈش، گۈللىنىش، زاۋاللىققا يۈز تۇتۇش قاتارلىق تەرەققىيات باسقۇچلىرى بولغان ئورگانىزم دەپ قارىغان ھەمدە ھەر قايسى مەدەنىيەتلەرنىڭ گۈللىنىش، زاۋاللىققا يۈز تۇتۇش جەريانلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مۇساپىسىنى تەھلىل قىلىپ چۈشەندۈرگەن. سىپىنگلېر دۇنيادا ئۆز ئالدىغا سىستېما بولغان سەككىز خىل مەدەنىيەت مەۋجۇت، لېكىن ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى ئوخشاش قانۇنىيەتلەرگە بويسۇنۇپ، زاۋاللىققا قاراپ يۈزلىنىدۇ، دەپ قارالغان، تويىنبېي بولسا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ دۇنيا تارىخىنى بىر قانچە مەدەنىيەت (ياكى جەمئىيەت) كە بۆلۈپ، تارىختا 21 خىل (باشقىچە ئېيتىلىشىچە 26 خىل) مەدەنىيەت بولغان، قالغان ھەر خىل مەدەنىيەتلەر بىردەك ھالاك بولغان ياكى زاۋاللىققا يۈز تۇتقان، پەقەت غەربنىڭ خرىستىئان مەدەنىيىتىلا <ئىجادىي ھاياتىي كۈچى> نى ساقلاپ قالغان دەپ جۆيلۈگەن. بۇنداق سۇبيېكتىپلارچە ئاسسسىز ھۆكۈم چىقىرىش، كاپىتالىزم تۈزۈمىنى ئاقلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.