Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
历史分斯
دۇنيا تارىخى
تارىخنى دەۋرلەرگە بۆلۈش
تارىخ ئىلمىنى تارىخىي دەۋرلەرگە ئايرىش ئارقىلىق تەتقىق قىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇل. ئۇنىڭدىن مەقسەت، تارىخىي جەريانىنىڭ ئوخشىمىغان مەزگىل ياكى باسقۇچلىرى ئارىسىدىكى سۈپەت پەرقىدىن تارىخ تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى تېپىشتىن ئىبارەت. كونا تارىخشۇناسلىقتا خانلىق سىستېمىسى، ئىرقىي - ئۇرۇقلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى، مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى، سىياسىي ئىسلاھات، دۆلەت پرىنسىپى، ئەسىر - دەۋرلەر، نوقۇل ئېتىقاد قاتارلىقلار بويىچە ئايرىيدىغان ھەر خىل ئۇسۇللار بولغان. بۇلارنىڭ بەزىلىرى گەرچە بەلگىلىك رول ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن بىردەك ئىلمىي ئەمەس. ماركسىزملىق تارىخشۇناسلىق ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي فورماتسىيە تەلىماتىنى تارىخىنى باغلانغۇچ كوممۇنا تۈزۈمى، قۇللۇق تۈزۈم، فېئوداللىق تۈزۈم، كاپىتالىزم ۋە كوممۇنىزم (تۆۋەنكى باسقۇچتىكى سوتسىيالىزمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن ئىبارەت بەش دەۋرگە بۆلىدۇ. دۇنيا ئومۇمىي تارىخى ئادەتتە قەدىمكى زامان، ئوتتۇرا ئەسىر، يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زاماندىن ئىبارەت تۆت دەۋرگە ئايرىلىدۇ. بىر خىل ئىجتىمائىي فورماتسىيىدىن يەنە بىر خىل ئىجتىمائىي فورماتسىيىگە ئۆتۈش، مەلۇم بىر خىل ئىجتىمائىي فورماتسىيىنىڭ ھەر خىل باسقۇچلىرى، ھەرقايسى دۆلەت ۋە ھەرقايىسى مىللەتلەر تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ خىلمۇ خىللىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، تارىخنى دەۋرلەرگە ئايرىش مەسىلىسىدە ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلەردە تېخى تالاش - تارتىش كۆپ.