Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
历史编篡学
دائىرە: دۇنيا تارىخىئىستورىئوگرافىيە
تارىخشۇناسلىق تارىخىي تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم مەزمونلىرىدىن بىرى. تارىخنامىلەرنىڭ ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، مۇكەممەلسىزلىكتىن بارا - بارا مۇرەككەپلىككە يۈزلىنىش جەريانى. بايان ژانىرلىرىنىڭ تارىخىي داستانلاردىن نەسرىي ئەسەرلەرگە ئۆتۈشى، ستىلىستىكا جەھەتتە دەبدەبىلىك ئىبارە - جۈملىلەرنى ئىشلىتىشتىن ئاددىي - ساددا بايان قىلىشقا ئۆزگىرىشى، تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ تېخنىكىسى، تەشكىلىي رەھبەرلىك جەھەتلەردە كۈنسېرى ئالغا بېسىشى ۋە ياخشىلىنىشى قاتارلىق مەزمونلار ئىستورىئوگرافىيىنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات دائىرىسىگە كىرىدۇ. مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ مەنىسى غەرب ئەللىرى يېزىقلىرىدا كۆپىنچە تارىخشۇناسلىق تارىخى بىلەن ئوخشاش ئېلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىنگلىزچىدە Historigraphe رۇسچىداИоториотраХия، فرانسۇزچىدا Historiographe نېمىسچىداHistoriographie دەپ يېزىلىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.