Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
历史
دۇنيا تارىخى
تارىخ
(1) كەڭ مەنىدىن ئالغاندا، ئومۇمەن بارلىق شەيئىلەرنڭ بېسىپ ئۆتكەن ھەرىكەت تەرەققىيات جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. تەبىئەت تارىخى ۋە ئىنسانىيەت تارىخى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. ۋاقىت ۋە دائىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالدىنقىسى كېيىنكىسىگە قارىغاندا زو دەرىجىدە ئۇزۇن ھەم كەڭ دائىرىدە بولىدۇ. دائىم ئېيتىلىۋاتقان تارىخ، ئادەتتە ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققىي قىلىش تارىخى يەنە تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئۆزئارا بېقىنغان، بىر - بىرىنى چەكلەيدىغان ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ھەرىكەت جەريانىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، تارىخ ئىلىمىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى ھېسابلىنىدۇ. تارىخچىلارنىڭ دەسلەپكى خاتىرىلەر ۋە ماددىي ماتېرىياللارغا ئاساسەن، بۇ جەريانغا قارىتا چىقارغان تەتقىقات نەتىجىلىرى، خاتىرلىرى ۋە بايانلىرىمۇ ئادەتتە تارىخ دەپ ئاتىلىدۇ. (2) <رىم تارىخى> نىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى. كىتاب ئىسمى. قەدىمكى رىم تارىخچىسى تاستۇس يازغان. تەخمىنەن مىلادى 109-يىلى ئەتراپىدا كىتاب بولۇپ چىقارغان. كىچىك پلىنيۇس ئۇنىڭ ماتېرىياللىرىنى يىغىپ ئايرىم بابلىرى ئۈستىدن مۇھەررىرلىك قىلىپ تەكشۈرۈپ بېكىتكەن. پۈتۈن كىتاب جەمئىي 12 توم (يەنە بىر ئېيتلىشىچە 14 توم). ئاساسەن مىلادى 69-يىل يانۋاردىن تارتىپ مىلادى 96 - يىل (دومىتيانوسنىڭ ئۆلۈمى) ئارىلىقىدىكى تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. ھازىر بىرىنچى تومدىن 4-تومغىچە ۋە 5-تومىڭ باشلىنىش قىسمى يەنى مىلادى 70-يىل ئاۋغۇستقىچە بولغان قىسمى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەجمى ئەسلى كىتابىنىڭ ئۈچتىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ. خاتىرىلەنگەن تارىخىي ۋەقەلەر ئاپتورنىڭ يەنە بىر ئەسىرى <دەۋر خاتىرىلىرى> گە ئۇلانغان بولۇپ، مىلادى بىرىنچى ئەسىردىكى قەدىمكى رىم تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇسلۇبى ئىخچام، سۆزى ئاددىي ھەم مەزمۇنلۇق، مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، ئاپتور ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئۇسلۇبىنى ئىپادىلىگەن. خەنزۇچىگە تەرجىە قىلىنغان. (3) كىتاب ئىسمى، يەنى <گرېتسىيە - پېرسىيە ئۇرۇشى تارىخى>. <ھېرودوتۇس> قا قاراڭ.
ئۇنىۋېرسال
lì shǐ
تارىخ، تارىخىي
Dكومپيۇتېر
lì shǐ
تارىخDمائارىپ
lì shǐ
تارىخDكومپيۇتېر، توكچىلىق
lì shǐ
تارىخ