Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
礼萨汗
دۇنيا تارىخى
رىزا شاھ پەھلىۋى
(1878 - 1944) ئىراندىكى پەھلىۋىلەرخاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، شاھ بولغان (1925 - 1941). پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1891-يىلىدىن باشلاپ ئىراندىكى كازاك برىگادىسىدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوفىتسېرىككە كۆتۈرۈلگەن. 1921-يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. گىلان قاتارلىق جايلاردىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ھەربىي - مەمۇرىي ئەمەلىي ھوقۇقلىرىنى ئىگىلىگەن. 1923-يىلدىن باشلاپ باش ۋەزىر بولغان. 1925-يىلى قاچار خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، ئۆزى شاھ بولغان. تەختتىكى مەزگىلىدە، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىشچى - دېھقانلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇغان. شۇنىڭدەك چەت ئەل تەسىر كۈچلىرىنى چەكلەپ، مىللىي سانائەتنى يۆلىگەن. قىسمەن ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن گېرمانىيە بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغانلىقتىن، 1941-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ئىرانغا قوشۇن كىرگۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن رىزاھ شاھ پەھلىۋى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقىغا كەتكەن. ئوغلى مۇھەممەد رىزا پەھلىۋى ئۇنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان.