Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
李普曼
دۇنيا تارىخى
لىپمان
(1889 - 1974). ئامېرىكىلىق ئاخبارات خادىمى. تەھرىر ۋە مەخسۇس ستون يازغۇچىسى. 1914 - يىلى <يېڭى جۇمھۇرىيەت> ژۇرنىلى نەشىر قىلىنغاندا مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولغان. 1921 - 1931 - يىللىرى <نيو - يورك پېشۋا مۇنبەر گېزىتى> گە مەخسۇس ستون ماقالىلىرىنى يېزىش بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇ، روزۋېلىتنىڭ <يېڭى سىياسىتى>نىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىر تۈركۈم قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى. دىپلوماتىك ئىشلارغا دائىر ماقالىلەر بىلەن مەشھۇر بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك سىياسىتىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ: <ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش قىلىشىدىكى مەقسىتى>، <سوغۇق مۇناسىۋەتلەر>، <كوممۇنىزم دۇنياسى بىلەن بىزنىڭ دۇنيا>، <غەربنىڭ بىرلىشىشى ۋە ئورتاق بازار> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. <سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى> ناملىق كىتابى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن <سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى> دېگەن بۇ ئىبارە كەڭ دائىرىدە قوللىنىلغان.