Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
林铣十郎
دۇنيا تارىخى
خاياشى سېندىئۇرو
(1876 - 1943) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1937)، قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى. 1903-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1904 - 1905 - يىللىرى ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1927 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1929-يىلى مۇھاپىزەتچىلەر دىۋىزىيىسىنىڭ كوماندانى بولغان. <18-سېنتەبر> ۋەقەسىدە، ئەسكەر چىقىرىپ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا تاجاۋۇز قىلىپ، كانتو ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىچلىق سۇيىقەستىنى قوللىغان. 1932-يىلى مائارىپ باش نازارەتچىسى قوشۇمچە ھەربىي كېڭەش ئەمەلدارى بولغان. 1934-يىلى ئوكادا ئىچكى كابىنېتىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1935-يىلى مادزاكى دىنزا بورۇنىڭ مائارىپ باش نازارەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئارمىيە ئىچىدە گۇرۇھۋازلىق كۈرىشىنى كەسكىنلەشتۈرگەن. 1936-يىلى <26-فېۋرال> ۋەقەسىدىن كېيىن، زاپاس ھەربىي قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. 1967-يىلى 2-ئايدا ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەن ھەمدە تاشقى ئشلار ۋازارىتىنڭ ۋەزىرلىكىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان، 6 - ئايدا ئىستىپا بەرگەن. كېيىن ئىچكى كابىنتنىڭ كېڭەش ئەزاسى، بۈيۈك ياپونىيە ئاسىيانى گۈللەندۈرۈش ئىتتىپاقىنىڭ لېدىرى بولغان.