Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
林格仑
دۇنيا تارىخى
لىندگرېن
(1860 - 1939) ئامېرىكىلىق گېئولوگ. شۋېتسىيەدە تۇغۇلغان. گېرمانىيە فرېيبېرگ خانلىق كان ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1882 - يىلى كان ئېچىش ئىنژېنىرى بولغان. 1883 - يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ئىككىنچى يىلى گېئولوگىيىلىك ئۆلچەش خىزمىتىگە قاتناشقان. 1897 - 1898 - يىللىرى ستانفو ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىگەن. 1908 - يىلى ماسسا - چۇسېت تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدا لېكسىيە سۆزلىگەن. 1912 - 1933 - يىللىرى بۇ ئۇرۇننىڭ مەسئۇلى بولغان. ماگما مەزگىلىدىن كېيىن كانلارنى تۈرگە ئايرىشنى بەرپا قىلغان. سىماب، ئالتۇن قاتارلىق نۇرغۇن مېتال كانلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، كانلارنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى نەزەرىيىسى جەھەتتە خېلى كۆپ تۆھپە قوشقان. <ئىسسىق ھارارەتتىكى سۇيۇق كان> توغرىسىدا يېڭى كۆز قاراشنى ئوتتۇغا قويغان. 1933 - يىلى خەلقئارا گېئولوگىيە جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. <كانچىلىق ئىلمى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.