Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
列杜
دۇنيا تارىخى
رېدۇم
قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1894 - 1595) دائىمىي ئارمىيىسىنىڭ بىر خىلىنىڭ نامى. يىرىك قوراللار بىلەن قوراللانغان پىيادە ئەسكەرلەر بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار دۆلەتتىن دائىم بىر ئۈلۈش يەر، جۈملىدىن باغ - ۋاران ۋە ئۆي - جايغا ئىگە بولغان، لېكىن بۇلارنى سېتىشقا يول قويۇلمىغان. باشقىلارنىڭ سېتىۋېلىشىغىمۇ يول قويۇلمىغان، سېتىۋالغۇچى جەزمەن قايتۇرۇپ بېرىشكە، بەلكى بۇرۇن تۆلىگەن نەرخىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمىغان. <خاممورابى قانۇنى> دا پەقەت ئوغلى دادىسىنىڭ ھەربىي خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۈلۈش بەرگەن ۋارىسلىق قىلالايدىغانلىقى، ئۇنداق قىلمىسا، مەزكۇر ئۈلۈش يەر ھەربىي خىزمەت ئۆتەيدىغان باشقا كىشىلەرگە بېرىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ھەربىي خىزمەت بىلەن ئۈلۈش يەر تەۋەلىكىنى چېتىشتىن ئىبارەت بۇنداق چارە قەدىمكى بابىلوندىكى بىر خىل مۇھىم تۈزۈم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دائىمىي ئارمىيىنىڭ يەنە بىر خىلىنىڭ نامى بائىرۇم بولۇپ، بۇلار يېنىك قوراللار بىلەن قوراللانغان پىيادە ئەسكەرلەر بولۇشى مۇمكىن، بۇ، <خاممورابى قانۇنى> دارېدۇم بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنغان.