Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
李顿调查团
دۇنيا تارىخى
ليتتون تەكشۈرۈش ئۆمىكى
خەلقئارا ئىتتپاقنىڭ 1931 - يىلدىكى <18 - سېنتەبر> ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش يۈزىسىدىن ئەۋتكەن تەكشۈرۈش ئۆمىكى. ئۆمەكنىڭ باشلىقى ئەنگلىيەلىك ليتتون بولغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۆمەكنىڭ ئەزالىرى ئىتالىيەلىك ماكارت، فرانسىيەلىك كلوت، ئامېرىكىلىق مىكويى، گېرمانىيىلىك ھېنى قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان. ئۇلار 1932 - يىلى 2 - ئايدا ياۋرۇپادىن يولغا چىقىپ، 3 - ئايدا جۇڭگوغا يېتىپ كېلىپ، <تەكشۈرۈش> ئېلىپ بېرىپ، 10 - ئايدا <ليتتون دوكلادى>نى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا <جۇڭگونىڭ شەرقىي ئۈچ ئۆلكىسى - جۇڭگونىڭ بىر قىسمى> دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. ياپونىيە قوزغىغان <18 - سېنتەبر ۋەقەسى> نىڭ قانۇنلۇق <ئۆز - ئۆزىنى قوغداش ۋاستىسى> ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن. بىراق دوكلاتتا ياپونىيەنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئالاھىدە مەنپەئىتى ئېتىراپ قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالدا <مانجۇرىيە ئاپتونومىيە> ھۆكۈمىتى قۇرۇشنى، ئىگىلىك ھوقۇقى جۇڭگونىڭ قولىدا بولۇشنى، ياپونىيىنى ئاساس قىلغان چەت ئەلنىڭ تىزگىنلەپ تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭدا يەنە چەت ئەللىك ئىنىسترۇكتور (ھەربىي ئوقۇتقۇچى) قويۇلغان ئالاھىدە بىر ژاندارما - ساقچى ئەترىتى تەشكىللەشنى، چەت ئەللىكلەرنى <مەسلىھەتچى> لىككە قويۇپ، جۇڭگونى مالىيە، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئۈستىدىن نازارەت قىلىشنى تەكلىپ قىلغان. خەلقئارا ئىتتىپاق <ليتتون دوكلاتنامىسى>نى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن 19 دۆلەت كومىسسىيىسى تەشكىللىگەن ھەمدە بىر تەكلىپ لايىھىسى بىلەن دوكلاتنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇنىڭدا <مانجۇرىيە> نىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى جۇڭگوغا مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن، شەرقىي شىمال قورچاقك ھاكىمىيىتى ئىنكار قىلىنغان، ياپونىيە بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، 1933 - يىلى 3 - ئايدا خەلقئارا ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان.