Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
理查一世
دۇنيا تارىخى
رىچارد Ⅰ
(1157 - 1199) ئەنگليە پىلانتا گېنېتىس خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1189 - 1199). لەقىمى <شىر يۈرەك شاھ>. ئەنگلاىي كورۇلى ھېنرى G نى ئۈچىنچى ئوغلى. 1172-يىلى ئاكۇيتانىيە كىنەزى بلغان. 1188 - 1189-يىللىرى فرانسىيە كورۇلى قىلىپ Ⅱ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، كورۇل دادىسىغا قارشى تۇرۇپ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئېلىۋالغان. 1190-يىلى فىلىپ Ⅱ بىلەن بىللە ئۈچىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشىغا قاتناشقان. 1191-يىلى سىپرۇسنى ئىشغال قىلىۋالغان ھەمدە فرانسىيە ئەھلىسەلىپچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ پەلەستىندىكى ئاكرى شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان. ئاندىن كېيىن ئېرۇسالىمغا ھۇجۇم قىلغان، سالاھىددىننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئۇنى ئالالمىغان. 1192-يىلى 9ايدا سالاھىدىن بىلەن سۈلھ قىلغان. 10-ئايدا پەلەستىندىن ئۆز دۆلىتىگە قايتقان. سەپەر ئۈستىدە ئاۋسترىيە كىنەزى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅵ نىڭ قولىغا چۈشكەن. 1194-يىلى ئەنگلىيە 100 مىڭ فوند ستېرلىڭ بىلەن ئۇنى قايتۇرۇۋالغان. كېيىن يەنە ئەنگلىيىنىڭ فرانسىيىدىكى خوجىلىق يەرلىرىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە، فىلىپ Ⅱ بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ئۇرۇشپەرەس بولۇپ، باج - سېلىقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھەر قايسى تەبىقىدىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1196-يىلى لونداوندا باجغا قارشى قوزغىلاڭ يۈز بەرگەن.