Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
李常杰
دۇنيا تارىخى
لى چاڭجى
(1019 - 1105) ۋېيتنام لى سۇلالىسى رېنزۇڭ دەۋرىدە ئۆتكەن نائىب ئەمىرى (ۋەزىرى) پايتەخت شىڭلوڭ (ھازىرقى خانوي)لىق. سىياھگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1075 - يىلى (سوڭشىڭنىڭ 8 - يىلى) زوڭشەن بىلەن بىرلىكتە قوشۇن باشلاپ جۇڭگونىڭ گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىرىگە كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇپ كىرىپ، جىنجۇ، چيەنجۇ، يۇڭجۇ قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىۋالغان. يۇڭجۇ ئاھالىسىدىن 58 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى ئۆلتۈرگەن. چىنجۇ ۋە چيەنجۇ ئايماقلىرىدا ئۆلگۈچىلەرنى قوشقاندا نەچچە يۈز مىڭغا يېتىپ ئىنتايىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سالغان. ئىككىنچى يىلى سۇڭ سۇلالىسى قايتۇرما زەربىگە ئۆتۈپ، ۋېيتنام ئارمىيسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، لى سۇلالىسى پايتەختىگە قىستاپ كەلگەن. لى رېنزۇڭ تۆلەم تۆلەپ تەسلىم بولغان. كېيىن يەنە 1069 - يىلى جەنۇبتا كامپا - پوراغا تاجاۋۇز قىلىپ كامپا - پۇرانى بوجىڭ، مالىڭ، دېلى قاتارلىق ئۈچ ئايمىقىنى كېسىپ بېرىشكە مەجبورلاپ، لى سۇلالىسى زېمىنىنى ھازىرقى گۇاڭچىڭ، گۇاڭجىژ رايونلىرىغا قەدەر كېڭەيتكەن.