Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
利奥波德一世
دۇنيا تارىخى
لېئوپولد Ⅰ
(1) لېئوپولد Ⅰ (1640 - 1705). ئاۋسترىيە كورۇلى. مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1658 - 1705). تەختتىكى مەزگىلدە كاتولىك چېركاۋىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ كۈچىنىڭ بارىچە ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. ۋېنگرىيىگە قارىتا ۋەھشىي زۇلۇم سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ۋېنگرلارنىڭ كۆپ قېتىملىق قارشىلىقى ۋە قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1683 - 1699 - يىللىرى تۈركىيە بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇش قىلىپ، پولشا، ۋېنېتسىيەنىڭ قوللىشى بىلەن تۈركىيەنى مەغلۇپ قىلىپ، ۋېنگرىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى، ترانسىلۋانىيە، كرودىيە ۋە سلوۋېنىيىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. 1701 - يىلى ئىسپانىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. فرانسىيە بىەلن ياۋرۇپاغا خوجايىنلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالاشقان ھەمدە ئىسپانىيىنى ھابىسبۇرگ خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنغان. (2) لېئوپولد Ⅰ (ساكسونىيە - كوبۇگلىق، 1865 - 1790). بېلگىيە پادىشاھى (1831 - 1865) ئەسلى گېرمانىيە ساكسونىيە - كوبۇگ شاھزادىسى. روسىيە گېنېرالى بولۇپ، 1812 - يىلدىكى روسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1816 - يىلى ئەنگلىيە كورۇلىۋاسى شارلوت بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. ئۇزاق ئۆتمەي شارلوت ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ، فرانسىيە كورۇلىنىڭ چوڭ قىزى لۇئىزې - مارېغا ئۆيلەنگەن. فرانسىيىدىكى ئىيۇل ئىنقىلابىي (1830) نىڭ تەسىرى ئاستىدا بريۇسسېلدا ئىنقىلاب پارتلاپ، ئۇزاق ئۆتمەي مىللىي كېڭەش تەرىپىدىن كورۇللۇققا قويۇلغان. (1831 - يىل 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ھازىرقى بېلگىيىنىڭ دۆلەت بايرىمى). تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە گوللاندىيە قوشۇنىنىڭ بېسىپ كىرىشى سەۋەبىدىن فرانسىيە قوشۇنىنى بېلگىيىگە كىرىشكە تەكلىپ قىلىپ، گوللاندىيە قوشۇنىنى چېكىندۈرۈشكە مەجبور قىلغان. 1839 - يىلى گوللاندىيە بىلەن شەرتنامە تۈزۈپ، لىمبۇرگ ئۆلكىسى بىلەن ليۇكسىمبۇرگ ئۆلكىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى گوللاندىيىگە بەرگەن بېلگىيە مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ھەمدە ئەنگلىيە، فرانسىيە، پرۇسسىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك بىتەرەپ ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بولغان. ئىچكى جەھەتتە 1831 - يىلى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كابېنت يىغىنىغا بىۋاستە رىياسەتچىلىك قىلىپ كەلگەن. تۆمۈريول قۇرۇش، كۆمۈر قېزىش، دېڭىز ترانسپورتى ۋە قۇرۇلۇش ئىنشائاتلىرى قاتارلىقلارنى يۈكسەلدۈرۈپ، سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلەتكەن.