Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
两栖纲
بىئولوگىيە
قوش ماكانلىقلار سىنىپى
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپىدىكى بىر سىنىپ. بەدەن شەكلى ۋە تۈرلىرىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. ھالەت ئۆزگەرتىدۇ ياكى ھالەت ئۆزگەرتىشى روشەن ئەمەس. لىچىنكا تەنىسى (بالا تەنىسى) ژابراسى ئارقىلىق نەپەسلىنىپ سۇدا ياشاشقا ماسلاشقان؛ يېتىلگەن تەنسى ئۆپكىسى بىلەن نەپەسلىنىپ كۆپىنچە قۇرۇقلۇقتا ياشايدۇ، شۇڭا قوش ماكانلىقلار دەپ ئاتالغان. ئۇلار ئوچۇق تېرىلىك، كۆپ بەزلىك بولۇپ، ئۇ ئورگانلىرى نەپەسلىنىشكە ياردەملىشەلەيدۇ. يېتىلگەن تەنىسىدە بەش بارماقلىق تىپتىكى تۆت پۇتى بولىدۇ. جاغ يايىسى ئۆزلۈكىدىن تۇتاشقان شەكىدە، باش سۆڭىكىدە ئىككى گەجگە سۆڭەك قاداقچىسى بولىدۇ، ئومۇرتقىسى دىففېرېنسىيىلەنگەن (رايونلارغا بۆلۈنگەن). مۇكەممەل بولمىغان قوش قان ئايلىنىشى بار. يۈرىكى ئىككى يۈرەك دالانچىسى، بىر يۈرەك قېرىنچىسىغا بۆلۈنگەن، مېتابولىزم سەۋىيىسى تۆۋەن، نېرۋا تەڭشىلىشى مۇكەممەل ئەمەس. شۇڭا ئۇلار ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلار ھېسابلىنىدۇ. قوش ماكانلىقلر قەدىمكى چوتكا پالاقلىق بېلىقلاردىن كېلىپ چىققان. ئەڭ دەسلەپكى قوش ماكانلىقلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقى پالېئوزوي ئېراسىنىڭ دېۋون دەۋرىدىن تېپىلغان بولۇپ، قاتتىق باشلىقلار (stegocephalia) دەپ ئاتالغان. قاتتىق باشلىقلارنىڭ ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلىش جەريانىدا رادىئاتسىيىگە (تارماقلىشىشقا) ماسلاشقان خىلمۇخىل ئەۋلادلىرى بارلىققا كەلگەن. بىراق زور كۆپچىلىك تۈرلىرى يوقىلىپ كەتكەن. ھازىرقى قوش ماكانلىقلارنىڭ بىۋاسىتە مەنبەسىنىڭ تاش قالدۇق دەلىللىرى تېخى تېپىلمىدى. ھازىر بار ماتېرىياللارغا ئاساسەن نىسبەتەن بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش مۇنداق؛ قەدىمكى قاتتىق باشلىقلارنىڭ ئەۋلادى بولغان تۈگۈنچەك ئومۇرتقىلىقلار (ياسىمان ئومۇرتقىلىقلار ) (Apsidospodyli) ھازىرقى قۇيرۇقسىزلار ئەترىتىنىڭ ئەجدادى، ئۇرۇقى يوقىلىپ كەتكەن. مەشھۇر ئازما چىشلىق سەمەندەر (labyrinthodonta) مۇشۇ خىلغا كىرىدۇ؛ قاسىراق ئۇمۇرتقىلىقلار (كاۋاك ئومۇرتقىلىقلار) (lepospondyli) بولسا، ھازىرقى قۇيرۇقلۇقلار ئەترىتىنىڭ ئەجدادى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە پۇتسىزلار ئەترىتىمۇ قاسىراق ئومۇرتقىلىقلاردىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دەپ قارىلىدۇ. لېكىن تاش قالدۇق دەلىلى تېخىمۇ كەمچىل. ھازىرقى قوش ماكانلىقلار ئۈچ ئەترەت، تەخمىنەن 2000 تۈرگە بۆلۈنىدۇ، مۇتلەق زور كۆپچىلىكى ئېتىزلاردىكى زىيانداش قۇرتلارنى يوقىتىپ، ئىنسانلارغا پايدا كەلتۈرىدىغان بولغاچقا مەملىكىتىمىزدە خېلى بۇرۇنلار پاقىلارنى قوغداش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. <چارپاقا شىرنىسى> ۋە خاش پاقىلارنىڭ ھەممىسى مەشھۇر جۇڭيى دورىسى ھېسابلىنىدۇ.
گىئولوگىيە
liǎng qī gāng
قوش ماكانلىقلار سىنىپىDئۇنىۋېرسال
liǎng qī gāng
قوش ماكانلىقلار سىنىپى