Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
镰刀菌
بىئولوگىيە
ئورغاقسىمان زەمبۇرۇغ
زەمبۇرۇغلار تىپى، يېرىمى ئېنىق زەمبۇرۇغلار سىنىپى ئۆسمىسىمان تەختىلىك زەمبۇرۇغلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. چىرىندىخورلۇق ياكى پارازىتلىق ھايات كەچۈرىدۇ. زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى ئۆستۈرگۈچتە كېڭىيىپ تورپاختىسىمان ھالەتكە كېلىدۇ. بۆلۈنگۈچى سپورا سېپى ئىنچىكە ئۇزۇن ھەم ئاددىي، ياكى توم قىسقا، ياكى كىچىك ساپچىلار ئۆسكەن بولىدۇ. بۆلۈنگۈچى سىپورىسى ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. بىرى چوڭ تىپلىق بۆلۈنگۈچى سپورا بولۇپ، بىرقانچە ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، ئورغاقسىمان بولىدۇ. يەنە بىرى كىچىك تىپلىق بۆلۈنگۈچى سپورا بولۇپ، تاق ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، تۇخۇمسىمان ياكى سىلىندىرسىمان بولىدۇ، يالغۇز ئۆسىدۇ ياكى ئۆزئارا تۇتىشىپ زەنجىرسىمان ھالەتكە كېلىدۇ. يەنە بەزى سپورىلار ئارىلىق تىپلىق بولۇپ، ئىككى ياكى ئۈچ ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، سىلىندىرسىمان ياكى ئازراق ئەگرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قېلىن پوستلۇق سپورىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ. ئورغاقسىمان زەمبۇرۇغ سپورىسىنىڭ مورفولوگىيىسىدىن باشقا، تۈرلىرىنىڭ رەڭگىمۇ ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئالاھىدىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تارقىلىشى كەڭ بولۇپ، خېلى كۆپ تۈرلىرى دانلىق زىرائەتلەر، سانائەت خام ئەشيا زىرائەتلەر، كۆكتات ۋە ئىقتىسادىي مېۋىلىك دەرەخلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ. زىيىنى بەزىدە ناھايىتى چوڭ بولۇپ، زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىنى 50 پىرسەنتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
باغۋەنچىلىك
lián dāo jūn
ئورغاقسىمان زەمبۇرۇغ