Uyghurئاساسىي لۇغەت
لەشكەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئەسكەر، قوشۇن، لەشكەر:
خالى خەتتىنىڭ سىپاھىدىن جەھانگىر ئولدى يار،
ۋەرنە شاھ ئىقلىمىنى ئالغايمۇ لەشكەر بولماسا.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قوشۇن، ئەسكەر؛ لەشكەر گاھ - قوشۇن تۇرىدىغان ئورۇن، لەشكەر قوشى؛ جەڭ مەيدانى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان كىشى، ئارمىيىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك خادىم.
«ئەسكەر»، «جەڭچى» ئاكتىپ سۆزلەر، قالغانلىرى پاسسىپ سۆزلەر.
ھەممىلا ئەسكەرنىڭ مارشال بولالىشى مۇمىكىن. بىر چېرىك قوشۇن بولالماس. لەشكەرنىڭ ھەممىسى بولالماس باتۇر، دەشتتە شىر، بۆرە ھەم قاشقىر باردۇر. گېنېرال بولۇشنى ئارزۇ قىلمىغان جەڭچى ياخشى جەڭچى ئەمەس. يىگىت بولساڭ، يىگىتلىكىڭ بىلەن تونۇل نادان خاننىڭ نۆكىرىمۇ نادان. سىپاھنىڭ چېيى تاتلىق بولسا ئەگەر، ئۇندا شان ئەمەس، رەسۋالىق كۆپىيەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
تارس. قوراللىق قىسىم، ئارمىيە، ئەسكەر.
لەشكەر ئالماق. لەشكەر تارتماق.
ئىتىزاملىق لەشكەر يېڭىلمەس (ماقال).
ئۆمەر باتۇر لەشكەرلەرنى باشلاپ جەڭ تەييارلىقىنى كۆرۈپتۇ.