Uyghurئاساسىي لۇغەت
لەيلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
سۇغا چۆكۈپ كەتمەي، سۇغا چىلىشىپ سۇ ئۈستىدە تۇرماق.
سۇ ئۈستىدە لەيلىمەك.
ئالما ئاتسام دەرياغا چۆكمەيدۇ. سەن يارىمنىڭ ئوتلىرى لاۋۇلدايدۇ ئۆچمەيدۇ.
ھاۋا بوشلۇقىدا چۈشۈپ كەتمەي ياكى تېز كۆتۈرۈلۈپ كەتمەي ئاستا ھەرىكەت قىلماق.
ھاۋادا لەيلىمەك. قۇرۇپ بېغىدىن ئۈزۈلگەن يۇپۇرماقلار يېنىك شامالدا ئاستا لەيلەپ يەرگە قونىدۇ.
كۆچمە. ھېچبىر ئىش قىلماي، لاغايلىماق، لەلەڭشىمەك، بىكار يۈرمەك.
ئۇ ھەمىشە ئىشلىمەي لەيلەپ يۈرىدۇ.