Uyghurئاساسىي لۇغەت
لەب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
لەۋ:
ئاغىز، تىل:
1. لەبىنى شۇرغالى قىلدى خىيال بۇ گۇمنام،
نەسىب بولماي ئاياغ بوسىغە رىزا بولدۇم.
گۇمنام.
لەبلەرىڭدۇر شەھدۇ شەككەر، تىشلەرىڭ دۇررى خۇشاب،
ئىككى زۇلفۇڭ سايەسىغە ئاي يۈزۈڭدۇر ئافتاب.
قەلەندەر.
2. شىرىن لەبىدىن بەردى مەگەر ۋەئدەئى ئول شوخ،
جان نەقدىنى ئىلكىمگە ئالىبان بارا قالدىم.
ئەرشى.
بەھەمدۇرللاھ ئوكۈن ئاچىپ سىزگە لەب،
كى ناھەق ئۇلار دەپ گۇناھىن تىلەپ.
ئا. نىزارى،ن . زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كالپۇك، ئەرىن؛ چەت، يار، ساھىل؛ لەب دەريا - دەريا ساھىلى.