Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لىچچاۋى خاندانلىقى
دائىرە: دۇنيا تارىخى李查维王朝
lǐ chá wéi wáng cháo
نېپالدىكى قەدىمكى خاندانلىق. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردە بەرپا قىلىنغان. براخمى دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. بۇددا دىنىغىمۇ ئېتىقاد قىلغان. پادىشاھ ئامۇسۇۋارما تەختتىكى مەزگىلىدە، ئىقتىسادىي، مەدەنىيىتى راۋاجلانغان، جۇڭگونىڭ تىبەت رايونى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن جەنۇبىي ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى سودا - مال ئالماشتۇرۇش مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى جۇڭگودىكى تاڭ سۇلالىسىگە كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن، تاڭ سۇلالىسى ئەلچىسى ۋاڭ شۇەنسۇ نېپالنى ئۈچ قېتىم زىيارەت قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.