Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لاززارونى
دائىرە: دۇنيا تارىخى拉查罗里
lá chá luó lǐ
ئىتالىيە يېزىقىدىكى Lazzaroni دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، كەمبەغەل، سەرگەردان، قەلەندەر دېگەن مەنىدە. دەسلەپتە ⅦⅩ ئەسىردە بارلىققا كەلگەن. 1647 - يىلى ماسانئېللو نېئاپولدا ئىسپانىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان، قوزغىلاڭغا قاتناشقۇچىلار ئۆزىنى لاززارونى دەپ ئاتىغان. كېيىن جەنۇبىي ئىتالىيىدە بارلىق نامرات خەلقلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھاقارەتلەش خاراكتىرىنى ئالغان. ⅨⅩ ئەسىردىن باشلاپ كەمسىتىش نامىغا ئايلانغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.