Uyghurئاساسىي لۇغەت
لازىملىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېرەك بولىدىغان، تەلەپ قىلىنىدىغان، كېرەككە كېلىدىغان.
كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرلىقى يوق. بىز لازىملىق بىلىمنى بۇلۇت سۇنى سۈمۈرگەندەك قوبۇل قىلىشىمىز لازىم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كېرەك بولىدىغان؛ ئىشقا يارايدىغان.
كېرەكسىز
كېرەك بولمايدىغان؛ ئىشقا يارىمايدىغان.
كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرلىقى يوق. لازىملىقىنى ئال، قالغىنىنى تاشلا. كېرەكسىز نەرسە ئەرزان بولسىمۇ قىممەت. قاشقا چىققاندىن كېيىن قېيىق كېرەكسىز بوپتۇ، ساقايغاندىن كېيىن تېۋىپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. كېرەك بولىدىغان، ئىشلىتىدىغان، ئېھتىياجلىق.
لازىملىق نەرسە.
ئى. لازىم بولىدىغان يېرى، ئېھتىياجلىق تەرىپى.
بۇنىڭ ھېچ لازىمىلقى يوق.