Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لازار
دائىرە: دىنى سۆزلۈكلەرئىسلام دىنى
拉扎尔
lā zā ěr
دائىرە: دۇنيا تارىخى拉泽尔
lā zé ěr
(177 - 1823) رومىنيىلىك مائارىپچى. ترانسىلۋانىيەدە تۇغۇلغان. كلوژ، سىبىئۇ، ۋېنادا ئوقۇغان. 1814 - يىلىدىن باشلاپ سىبىئۇ پراۋوسلاۋ دىنىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىن مەكتەپ بىلەن بىللە بۇخارېستقا كۆچۈپ كەلگەن. 1818 - يىلى ۋالاخىيىدە سېنىت - ساۋا خانلىق مەكتىپىنى ئېچىپ، رومىنىيە تىلىدىن دەرس ئۆتكەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تودور ۋلادىمىرېسكۇ رەھبەرلىك قىلغان تۈركىيىگە قارشى قوزغىلاڭغا ھېسداشلىق قىلغان ۋە ئۇنى قوللىغان.
دائىرە: دۇنيا تارىخى拉扎尔
lā zā ěr
(تەخمىنەن 1329 - 1389) سېربىيە گېرتسوگى. 1371 - يىلى سېربىيە نىمانجىد خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى ئەۋلاد كورۇلى ئۇروس Ⅴ (1355 - 1371 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ئۆلگەندىن كېيىن، سېربىيە ئىمپېرىيىسى پارچىلانغان. لازار سېربىيەنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئىگىلىگەن. كېيىن يەنە ئوتتۇرا قىسىمنى قوشۇۋېلىپ، كۈچى بىر مەھەل ناھايىتى زورايغان. 1386 - يىلى سېربىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ بالقان يېرىم ئارىلىغا بېسىپ كىرگەن تۈركلەرنى مەغلۇپ قىلغان. 1389 - يىلى كېسوپ جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن ھەمدە شۇ ھامان تۈركلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.