Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
拉辛起义
دۇنيا تارىخى
رازىن قوزغىلىڭى
(1670 - 1671-يىللىرىدىكى روسىيە دېھقانلىرىنىڭ چار پادىشاھنىڭ فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمىگە قارشى بۈيۈك قوزغىلىڭى. 1667-يىلى ئەتىيازدا، ستېپا رازىن )تەخمىنەن 1630 - 1671( بىر توپ كازاك كەمبەغەللىرىنى باشلاپ دون دەرياسى، ۋولگا دەرياسى ۋە كاسپىي دېڭىزنىڭ جەنۇبىدا چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى ۋە باي سودىگەرلەرنىڭ كېمە ئەترىتىگە تۇيۇقسىز زەربەر بەرگەن ھەمدە يائىل قورغىنىنى ئىشغال قىلىغان. 1668-يىلى ئەتىيازدا، 24 كېمىلىك قوشۇنىنى باشلاپ ئىرانغا بارغان. ئىككىنچى يىلى ۋولگا دەرياسىنىڭ ئېقىنىغا قارشى يۈرۈش قىلىپ، سارتىسىننى ئىشغال قىلىپ، شۇ جايدىكى مەھبۇسلارنى قويوپ بەرگەن، كېيىن دون دەرياسى ۋادىسىغا قايتىپ كەلگەن. 1670-يىلى 4-ئايدا 5000 كازاقا باشچىلىق قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگنلىكىنى رەسمىي جاكارلاپ، ئېزىلگۈچى چاكارلار، بورالاكلار ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى پۇقرالارنى قوزغىلىپ ئاقسۆڭەكلەر، باي سودىگەرلەر ۋە كازاكلارنىڭ يۇقىىر قاتلىمىدىكىلەرگە قارشى تۇرۇپ، يەر - زېمىن، مال - مۈلۈك، ئات - ئۇلاغلارنى قايتۇرۇۋېلىشقا، ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرغان. لېكىن ئۇنىڭدا <ياخىش چار پادىشاھ> نى ھىمايە قىلىش خام خىيال بولغان. قوزغىلاڭچىلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سارتىسىن، ئاستراخان قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان. رۇس دېھقانلىرى، موردۋالىقلار، چۇۋاشلار ۋە تاتار قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن قوزغىلاڭچى قوشۇنغا قاتناشقان. قوزغىلاڭچىلار ئىبادەتخانىلارغا داۋاملىق قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، پومېشچىكلارنىڭ قورۇقلىرىنى ۋەيران قىلغان. 1670-يىلى كۈزدە، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى دون دەرياسى بىلەن ۋولگا دەرياسى ئارىلىقىدىكى كەڭ رايونلارنى بېىسپ ئۆتۈپ، موسكۋاغا يېقىنلاشقان. چار پادىشاھى ئالدىراپ - تېنەپ مەركەز ۋە چەت ئۆلكىلەردىكى قوشۇنىنى يۆتكەپ كېلىپ قوزغىلاڭنى باستۇرغان. شۇ يىلى 10-ئايدا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بىلەن چار پادىشاھ ئارمىيىسى سىمبىرىسك ئەتراپىدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ دون دەرياسىغا چىكىنگەن. ئىككىنچى يىلى 4-ئايدا باي كازاكلار رازىنغا خائىنلىق قىلغان. 6-ئايدا، وسكۋادا رازىنغا كاللىسىنى ۋە پۇت - قولىنى كېسىش جازاسى بېرىلگەن، ئۇ مەردلەرچە قۇربان بولغان. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى قوشۇنلىرى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئارقا - ئارقىدىن باستۇرۇۋېتىلگەن. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قاتتىق زەربە بەرگەن.