Uyghurئاساسىي لۇغەت
لاۋزىلاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تاتلىق تەمى يوقالماق؛ تەمسىز، لاۋزا بولۇپ قالماق.
ئېتىزغا شۇم بويا پەيدا بولغاندىن بېرى قوغۇننىڭ تەمى بارغانسېرى لاۋزىلىشىپ كېتىپ بارىدۇ.
كۆچمە. پۇچەك، تۇتۇرۇقسىز، كىشىلەرگە ياقمايدىغان گەپ قىلغىلى تۇرماق؛ گەپلىرى تېتىقسىز، لاۋزا بولۇشقا باشلىماق.
- قانداق ئادىلە، مەن دېگەندەك چىرايلىقمىكەن بىزنىڭ ئەلا!- دېدى رەقىب لاۋزىلىشىپ، - ئېيتىڭا، ئەلادەك گۈزەل يىگىتكە قانداق قىز ياق دېيەلسۇن.
ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈپ قالماق، لەت بولماق.
ئۇ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشنى زورمۇزور قىلىمەن دەپ ئاخىر تازا لاۋزىلاشتى.