Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لاۋىس
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى拉维斯
lā wéi sī
دائىرە: دۇنيا تارىخى拉维斯
lā wéi sī
(1842-1922) فرانسىيىلىك تارىخشۇناس. 1865 - يىلى پارىژ ئالىي دارىلفونۇنىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1880 - يىلىدىن باشلاپ پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىي لېكسىيىسىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 1892 - يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. 1894 - يىلىدىن باشلاپ <پارىژ ژۇرنىلى> باش مۇھەررىرى بولغان. 1904-1912-يىللىرى پارىژ ئالىي دارىلفونۇنىڭ مۇدىرى بولغان. پرۇسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، گېرمانىيە تارىخى،بولۇپمۇ پرۇسسىيە تارىخىنى تەتقىق قىلغان. ئالىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىپرۇسسىيىنىڭ تېز باش كۆتۈرۈشى ۋە گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دەپ قاراپ، فرانسىيە ئالىي مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىشنى كۈچىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلغان. كۆپ توملۇق فرانسىيە ئومۇمىي تارىخى ۋە دۇنيا ئومۇمىي تارىخىنى يېزىپ چىقىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <پرۇسسىيە تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات >، <مىللىي مائارىپ مەسىلىسى>،<يىراق قەدىمكى زاماندىن زور ئىنقىلاب دەۋرىگىچە بولغان فرانسىيە تارىخى>،<زور ئىنقىلابتىن 1919-يىلىدىكى سۈلھ شەرتنامىسىگىچە بولغان فىرانسىيە ھازىرقى زامان تارىخى>، <دۇنيا ئومومىي تارىخى> قاتارلىقلار بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.