Uyghurئاساسىي لۇغەت
لاتېن مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
غەربىي ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ياۋرۇپا دەسلەپكى تۆمۈر قوراللار دەۋرىنىڭ ئىككىنچى مەزگىلدىكى مەدەنىيەت (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرىن مىلادىنىڭ باشلىرىغىچە). ئەڭ دەسلەپتە شۋېتسارىيەنىڭ نېۋشاتېل كۆلى ئەتراپىدىكى لاتىن خارابىلىقىدىن تېپىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1907 - 1917 - يىللىرى تەشكىللىك ھالدا قېزىش ئېلىپ بېرىلىپ، تۆت دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدىغانلىقى ئېنىقلانغان. بۇ مەدەنىيەت غەربىي ياۋرۇپادىكى گۇرتى قەبىلىسىنىڭ كۆچۈشىگە ئەگىشىپ غەربىي ياۋرۇپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كەڭ تارقىلىپ، تەدرىجىي ھالدا ھاللىستات مەدەنىيىتنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. تۆمۈر قورال - ياراق ۋە سايمانلارنى ياساشتا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن بولۇپ، قېزىۋېلىنغان نەرسىلەر ئىچىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ ھەمدە يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان مېتال ھۈنەر - سەنئىتى ۋە بېزەش سەنئىتىگە ئىگە. بۇرمىسىمان سىزىق ۋە ئەگرى سىزىقلىق نەقىشلەر بىلەن زىننەتلەنگەنلىرى كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ.