Uyghurئاساسىي لۇغەت
لات
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بۇت.
جاي ئىسمى:
2. بۇ مەنزىل ئاتىنى دەر ئېردىكى لات،
زىمىنلەردە ئالتۇن ئىكەن قاتۇ قات.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىسلامدىن بۇرۇن ئەرەپلەرنىڭ تېۋىنغان بۇتلىرى، لات بىلەن مەنات ئەڭ ئاتاقلىقلىرىدۇر؛ كەمبەغەل، دىۋانە؛ سەرگەردان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «قوياش» دېگەنلىك بولۇپ، ئۇززا، مانات بىلەن بىر قاتاردا «قۇرئان كەرىم» دە تىلغا ئېلىنغان، قەدىمكى ئەرەبلەر چوقۇنغان ئۈچ ئىلاھەنىڭ بىرىدۇر (53 - سۈرىنىڭ 19 - ئايىتى). ئۇلارنىڭ ئىلاھىيەت مۇنبىرى تائىف (ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھىجاز رايونى) يېنىدىكى ۋەججى جىلغىسىدا، ھەرخىل زىننەت بۇيۇملىرى ئېسىلغان ئاق تاش بەلگە قىلىنغان. بۇ ئۈچ ئىلاھىيەتنى مەككىلىكلەر «ئاللانىڭ قىزلىرى» دەپ قارىغان (بىر رىۋايەتتە، لات بىلەن مانات ئۇززانىڭ قىزلىرى، دېيىلىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە، لات ئانا ئىلاھ، دېيىلىدۇ). رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئوھۇد غازىتىدا ئەبۇ سوفىيان لات بىلەن ئۇززانىڭ بۇتىنى ئېلىپ سەپەرگە چىققان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 630 - يىلى مەككىنى پەتھى قىلغاندىن كېيىن لاتنىڭ بۇتىنى باشقا بۇتلار بىلەن قوشۇپ چېقىۋەتكەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي تائىفتىكى ئىلاھىيەت مۇنبىرىمۇ چېقىۋېتىلگەن. لېكىن، يەرلىك كىشىلەر ئاغرىپ قالسا، لات، ئۇززا، ھۇبەل بۇتلىرى قويۇلغان ئىلاھىيەت مۇنبىرىنىڭ ئىزى ئالدىدا ئۇلاردىن پاناھلىق تىلىگەن.