Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لاسسالچىلار
دائىرە: دۇنيا تارىخى拉萨尔派
lā sà ěr pài
(ⅨⅩ ئەسرىنىڭ 60 - 70 - يىللىرىدىكى گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى ئاغمىچى گۇرۇھ، لاسسالچىلىققا ئېتىقاد قىلغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. دەسلەپتە بېكېر )1826 - 1882(، شۋېنزېر )1834 - 1875(، كېيىنكى مەزگىلدە ھاسسېلمان )1844 - ؟(، ھاسېنكلېۋېر )1837 - 1889( قاتارلىقلار باشچلىق قىلغان. 1863 - يىلى 5 - ئايدا لاسسالنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان <پۈتۈن گېرمانىيە ئىشچىلار بىرلەشمىسى> بۇ گۇرۇھنىڭ تەشكىلاتى ھېسابلىنىدۇ. لاسسالچىلار ماركىسىزمغا، پرولېتارىيات ئىنقىلابىغا ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرغان. سىنىپتىن تاشقىرى <ئەركىن خەلق دۆلىتى> قۇرۇشنى، <دۆلەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئىشچىلار ئىشلەپچىقرىش كوپىراتىپى> قۇرۇشنى تەرغىپ قىلغان، <تۆمۈردەك ئىش ھەققى قانۇنىيىتى> قاتارلىق ئاغمىچىلىق نۇقتىئىنەزەرلەرنى تەشۋىق قىلغان. سىياسىي جەھەتتە بىسمارك بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، پروسسىيەنىڭ خاندانلىق ئۇرۇشى ئارقىلىق گېرمانىيىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىنى قوللىغان. ماركس، ئېنگلېس <گوتا پروگراممسىغا تەنقىد> قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۇلارنى قاتتىق تەنقىد قىغان، 70 - يىللاردا لاسسالچىلارنىڭ گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى تەسىرى كۈنسايىن تارايغان. 1875 - يىلى 5 - ئايدا ئېيزىناخچىلار بىلەن بىرلىشىپ گېرمانىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى )1890 - يىلى گېرمانىيە سوتسيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن( نى تەشكىل قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.