Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
拉普拉塔总督辖区
دۇنيا تارىخى
لاپلاتا باش ۋالىيسىغا قاراشلىق رايون
يەنى بىر نامى بۇئېنوس ئايرىس باش ۋالىيسىغا قاراشلىق رايون. ئىسپانىيەنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلىرىدە تەسىس قىلىنغان. مەمۇرىي تەشكىلات بولۇپ، دەسلەپتە 1776 - يىلى قۇرۇلغان. دائىرىسى ھازىرقى ئارگېنتىنا، پاراگۋاي، ئۇراگۋاي ۋە بولىۋىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەتنىڭ زېمىنىغا توغرا كېلىدۇ. دەسلەپتە پورتۇگالىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ لاپلاتا رايونىغا قىلغان تاجاۋۇزىدىن مۇداپىئە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. باش ۋالىي تۇرۇشلۇق جاي بۇئېنىس ئايرېستا تەسىس قىلىنغان. 1778 - يىلى بۇ رايون مىتروپولىيە ۋە ئىسپانىيىگە قاراشلىق ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەر بىەن ئەركىن سودا قىلىش رۇخسەتنامىسىگە ئىگە بولغان. كېيىن ئىسپانىيىگە قاراشلىق جەنۇبىي ئامېرىكا مۇستەملىكىلىرىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن پورتىغا ئايلانغان. 1816 - يىلى قاراشلىق رايون رەسمىي پارچىلانغان.