Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
兰学
دۇنيا تارىخى
گوللاندىيە ئىلمى
ياپونىيىگە ئېدو دەۋرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ گوللاندىيە كىتابلىرى ئارقىلىق كىرگەن غەرب ئىلمى. 1740 - يىلى (گېمبوننىڭ 5 - يىلى) سىياگۇن توكۇگاۋا يوشىموننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئېدولۇق سودىگەر ئائوكى كونىيو ( 1698 - 1769) گوللاندىيە تىلىنى ئۆگەنگەن. گوللاندىيە تىلىدىكى ئاناتومىيە كىتابى ئائوكى كونيونىڭ شاگىرتلىرى مايېنو ريوتاكۇ (1723 - 1803)، سۇگىتاگېمپاكۇ (1733 - 1817) لارنىڭ تەجرىبىسى ئارقىلىق توغرىلىقى ئىسپاتلانغان. 1774 - يىلى (ئانىيېينىڭ 3 - يىلى) <بەدەن ئوپېراتسىيىسى توغرىسىدىكى يېڭى كىتاب> نامى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان. بۇنىڭ مېدىتسىنا ئىلىمىدىن ئاسترونومىيە، كالېندارشۇناسلىق، جۇغراپىيە، تەبىئەتشۇناسلىق، خىمىيە قاتارلىق پەنلەرگىچە كېڭىيىپ، ئىلگىرىكى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنغان غەرب كىتابلىرى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن بىلىملەر يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. شىزۇكى تادائو (1760 - 1806) <رېكشوشىنشو> (رېكشو يېڭى كىتابى) دېگەن ئەسەرنى يېزىپ، نيۇتون مېخانىكىسىنى ۋە كوپېرنىكنىڭ يەر شارى ھەرىكىتى تەلىماتىنى تونۇشتۇرغان. تاكاھاشى يوشتوكى (1764 - 1804) يېڭى ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى تەتبىقلاپ <كانسبى كالېندارى>نى تۈزۈپ چىققان. ئىنوتاداتاكا (1745 - 1818) غەربنىڭ ئۆلچەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ياپونىيەنىڭ دېڭىز قىرغاقىلىرىنى ئۆلچەپ چىققان. شوگونلۇقمۇ مەخسۇس ئورگان قۇرۇپ گوللاندىيە كىتابلىرىنى تەرجىمە قىلدۇرغان. ھىراگا گېننائى (1729 - 1779)، شىباكوكان (1738 - 1818) قاتارلىق كىشىلەر غەرب ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن فېئوداللىق دەرىجە تۈزۈمىگە قارىتا تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولغان. 1783 - يىلى (تيەنمىڭنىڭ 3 - يىلى) ئوتسۇكى گېنناكۇ (1757 - 1827) <گوللاندىيە ئىلمىي باسقۇچلىرى> نى يازغان. 1796 - يىلى ئىنامۇراسامپاكۇ (1758 - 1811) <پوليۇما يارىشىشى> ناملىق گوللاندىيىچە - ياپونچە لۇغەتنى نەشىر قىلغان. 1838 - يىلى ئوگاتاكوئان (1810 - 1863) ئوساكادا مەكتەپ ئېچىپ گوللاندىيە ئىلمىنى ئۆگەتكەن. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئومۇراماسۇجىرۇ، فۇكۇزاۋايۇكىچى، ھاشىموتو سانائى قاتارلىقلار خېلى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. لېكىن شوگۇنلۇق دائىرىلىرى گوللاندىيە ئىلمىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا زەرەر يەتكۈزۋاتقانلىقىنى تەدرىجىي تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، پەقەت ئۆزلىرىگە كېرەكلىك بولغان غەرب ھەربىي تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش بىلەنلا چەكلەپ قويغان. دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىنگلىز، فرانسۇز تىللىرىنى ئاساس قىلغان غەرب ئىلمى بۇرۇنقى گوللاندىيە ئىلمىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن.