Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لانسىڭ - ئىسى كېلىشىمى
دائىرە: دۇنيا تارىخى蓝辛_石井协定
lán xīn _shí jǐng xié dìng
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى لانسىڭ (1864 - 1928) بىلەن ياپونىيە تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى ئىسى كىكوشىرو ئۆز ئارا ئالماشتۇرغان دىپلوماتىك ھۆججەت. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى مەنپەئىتى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. 1917 -يىلنىڭ 9 - ۋە 10 - ئايلىرىدا ئىسى ئامېرىكىغا بېرىپ، لانسىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئىسى لانسىڭدىن ياپونىيە بىلەن جۇڭگونى ئارىسىدا بىرخىل <ئالاھىدە مۇناسىۋەت>نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا <ئالاھىدە مەنپەئەت> تىن بەھرىمان بولۇشى لازىملىقىنى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىچكى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن <ئالاھىدە ھوقۇق ۋە مەجبورىيەت> لەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 11- ئاينىڭ 2 - كۈنى ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلغان، بۇ كېلىشىمنىڭ ئاساسىي مەزمونى: ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگودا <ئىشكنى ئېچىۋېتىش> ۋە <پۇرسەت تەڭ - باراۋەر بولۇش> پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشنى قايتا تەكىتلەيدۇ، <جۇڭگو زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈكى> گە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ <ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ جۇڭگودا، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ ياپونىيىگە قاراشلىق جايلارغا قوشنا قىسىمىدا، ئالاھىدە مەنپەئىتىنىڭ بارلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ>دېگەندىن ئىبارەت. بۇ، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، جۇڭگونى قۇربان قىلىدىغان بىر كېلىشىم ئىدى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.