Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
朗普勒西特
دۇنيا تارىخى
لامپرېشت
(1856 - 1915) گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس. دەسلەپكى يىللارا بۇنن داشۆسىدە ئوقۇغان. بۇنن، ماربۇرگ قاتارلىق داشۆلەردە تارىخشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. 1891 - يىلدىن تارتىپ لېيپسىگ داشۆسىدە پروفېسسور بولغان. ئامېرىكىدا كولومبىيە داشۆسىنىڭ پەخرىي دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. كۆپ مەنبەچىلىك مەدەنىيەت تارىخىي قارىشىنى تەشەببۇس قىلغان، تارىخنىڭ تەرەققىياتى ئىجتىمائىي، روھىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، كوللېكتىپ روھىي ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى تارىخ تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچىلىرىنى بەلگىلەيدۇ؛ دەپ قارىغان. رانكې ئېقىمىنىڭ تارىخىي سىياسىي تارىخ بىلەن باراۋەر قىلىپ قويىدىغان قارىشىنى تەنقىد قىلغان، تارىخ تەتقىقاتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەن، مىللەت، جەمئىيەت، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تارىخىغا ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى <ئوتتۇرا ئەسىردىكى گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشى> (ئۈچ توم)؛ <گېرمانىيە تارىخى> (12 توم)، كېيىن يەنە <گېرمانىيەنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى> (ئۈچ توم) نى يېزىپ ئالدىنقى كىتابنىڭ قوشۇمچىسى قىلغان.