Uyghurئاساسىي لۇغەت
لامىسېس
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى مىسىر 20 - سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1198 - 1166). ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ياللانما ئەسكەرلەردىن پايدىلىنىپ لىۋىيىلىكلەرنىڭ ۋە <دېڭىز مىللىتى> نىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرگەن. تېبېس شەھىرىنىڭ سىرتىغا مېدىنېت - خابۇ ئىبادەتخانىسىنى سالدۇرغان، ئىبادەتخانىغا ئۆزىنىڭ ئۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئويدۇرغان. ئامون ئىبادەتخانىسىغا كۆپ مىقداردا يەر، ئات - ئۇلاغ ۋە قۇللارنى ھەدىيە قىلىپ، ئۇنى باج - سېلىق تاپشۇرۇش ۋە ھەربىي خىزمەت ئۆتەشتىن خالاس قىلىپ، روھانىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھوقۇق - كۈچىنى ئۆستۈرگەن. ئوردا سۈيىقەستىدە ئۆلگەن.