Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
拉梅特
دۇنيا تارىخى
لامېت
(1760 - 1829) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى فېللانچىلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى. شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1789 - يىلى 5 - ئايدا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ئۈچ تەبىقە يىغىنىغا قاتناشقان. 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۈچىنچى تەبىقىنىڭ مىللىي پارلامېنتىغا قاتناشقان. فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى بىكار قىلىش ۋە كورۇلنىڭ مۇتلەق ھوقۇقىنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىغان. 1791 - يىلى بارتاۋ، دوپور بىلەن فېللان كۇلۇبىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، <ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى> نى تەشكىل قىلىپ، مونارخىيىلىك ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ياكوبىنچىلار كۇلۇبى بىلەن قارشىلاشقان. 1792 - يىلى 4 - ئايدا ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندا، شىمالىي يول ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان؛ 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى لافابېت بىلەن بىللە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. ناپولېئوننىڭ تۇمانىڭ ئاينىڭ ئون سەككىزىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ۋىلايەت باشلىقى، ۋەزىر قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. بوربون خاندانلىقى تىرىلگەندىن كېيىن، 1819 - يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىپ، پارلامېنتتىك لىبېرالىزمچى ئۆكتىچى بولغان. <ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنت تارىخى> دېگەن ئەسىرى بار.