Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
拉玛五世
دۇنيا تارىخى
راما Ⅴ
(1853 - 1910) ئىمپېراتور چۇلوڭكورن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىيام (ھازىرقى تايلاند) باڭكوك خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى 1868 - 1910(. راما Ⅳ نىڭ ئوغلى. تەختكە چىققاند 15 ياشقا كىرگەن بولغاچقا، پاىدشاھ جەمەتىدىكىلەر بەش يىل نايىب بولغان. ئۇ بۇ مەزگىلدە سىنگاپور، ياۋا ۋە ھىندىستاننى ساياھەت قىلغان. ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ ياۋروپاچە تەربىيىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە تەدرىجىي ھالدا ئىسلاھات ئىدىيىسىنى يېتىشتۈرگەن. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان، مەسىلەن، دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش ئورگانلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئون مىنىستىرلىك تەسىس قىلغان، ئۇ تايلاند يېقىنقى زامان مەمۇرىي تۈزۈمىنىڭ دەسلەپكى شەكلى بولۇپ قالغان؛ فېئودال تەپرىقچى كۈچلەرنى كونترول قىلىش، مالىيەنى تەرتىپكە سېلىش، تۆمۈريول ياساش، مائارىپىنى يولغا قويۇش، قانۇننى ئىسلاھ قىلىش، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش قاتارلىق ئىسلاھاتلىرى سىيامنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تەرەققىياتىنى تېزلەتكەن. 1893-يىلى <فرانىيە - سىيام باڭكوك شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولۇپ، مېكوڭ دەرياسىنىڭ سول قىرىقىدىكى زېمىنىنى ۋە دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر قانچە كىچىك ئاراللىرىنى فرانسىيىگە بۆلۈپ بەرگەن. 1909-يىلى 3-ئايدا ئەنگلىيە بىلەن يېڭى شەرتنامە )يەنى <ئەنگلىيە - سىيام باڭكوڭ شەرتنامىسى>( تۈزگەن.