Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لاكۋېت دۆلىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى罗越国
luó yuè guó
مالاييادىكى قەدىمكى دۆلەت. ھازىرقى مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ جوخور دېگەن يېرىگە جايلاشقان. مىلادى Ⅶ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە سودا - سېتىقتا تەرەققىي قىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسيا دېڭىز سودىسىنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ دۆلەتنىڭ سودا كېمىلىرى ھەريىلى قەرەللىك ھالدا گۇاڭجۇغا كېلىپ تۇرغان. ⅤⅩ ئەسىردىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ مالاككا دۆلىتى ۋە جوخور دۆلىتىگە قوشۇۋېتىلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.