Uyghurئاساسىي لۇغەت
لاڭجۇڭدىكى بابا مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى سىچۈەندىكى لاڭجۇڭ شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى پەنلۇڭشەن تېغىنىڭ جەنۇبىي باغرىدا. ئەسلىي بۇ يەر لاڭجۇڭدا ۋاپات بولغان خۇجا ئابدۇل دۇڭراشىنىڭ قەبرىستانلىقى بولۇپ، كېيىن قەبرە ئەتراپىقا بەزى قوشۇمچە قۇرۇلۇشلار سېلىنغان. 1723 _ يىلدىن 1735 _ يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا مۇسۇلمانلار پۇل ئىئانە قىلىپ يەر سېتىۋېلىپ، قەبرىستانلىققا قارايدىغان ۋە ئىستىقامەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامدىغان. بۇ مەسچىت 1748 _ يىلى كېڭەيتىپ سېلىندى. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 13 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئاشتى. بۇ مەسچىت چوڭ گۈمبەز سۈلۈكىنىڭ مۇھىم دىنىي پائالىيەت ئورۇنلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.