Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
莱希斯塔特协定
دۇنيا تارىخى
لېخېستات كېلىشىمى
1876 - يلى روسىيە بىلەن ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ئىمزالىغان مەخپىي كېلىشىم. ⅨⅩ ئەسرىنىڭ 70 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بالقان كىرزىسى داۋامىدا، روسىيە تۈركىيىگە قارىتا ئۇرۇش قوزغاشقا ئۇرۇنغان. ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ماقۇللۇقى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، 1876 - يىلى 7 - ئايدا، چار پادىشاھ ئالېكساندر Ⅱ بىلەن ئاۋسترىيە كورۇلى فرانىس جوسىف Ⅰ بوھېمىيىدىكى لېخېستات قەلئەسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇلار مۇبادا روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى بولۇپ قالسا، ئاۋسترىيىنىڭ تۈركىيىگە تەۋە ھولۋادىيە ۋە ئۇنىڭغا چېگرىداش بولغان بوسنىيە چېگرا رايونىغا ئىگە بولۇش بەدىلىگە، روسىيىگە قارىتا دوستانە بىتەرەپ تۇرۇشنى بەلگىلىگەن. ئاۋسترىيە روسىيەنىڭ 1856 - يىلى بۆلۈۋېلىنغان بېسارابېينىڭ غەربىي جەنۇبىنى يېڭىۋاشتىن ئىشغال قىلىۋېلىشىغا ماقۇل بولغان. سۆھبەتتە كېلىشىم ئىمزالانغانلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىرى ئۆز خاتىرىسىنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن، سۆزلەردە نۇرغۇن پەرق بولغان ۋە ھەرخىل چۈشەندۈرۈلگەن، بۇ ھال كېيىنكى ۋاقىتلاردا روسىيە، ئاۋسترىيىەنىڭ بالقاندىكى توقۇنۇشىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان.