Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
拉哥尼亚
دۇنيا تارىخى
لاكونىيە
قەدىمكى يۇنان پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىر رايون، سپارتا دۆلىتى كېلىپ چىققان جاي. شىمالىي ئاكادېيە ۋە ئاگروسقا تۇتىشىدۇ، غەربىي تايگېت تېغى ۋە مېسسېنىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىز ياقىسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئەتراپىدا تاغ كۆپ بولۇپ، غەربىي قىسمىدىكى ئېۋروناس دەرياسى ۋادىسى تۈزلەڭلىك رايونى ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبىي قىسمىدا گوتېئوم پورتى (لاكونىكا قولتۇقى بويىدا)بار. يىراق قەدىمكى زاماندىكى ئاھالىسى كىنۇرىئالار بىلەن لېلېگلار بولۇپ ھېسابلىندۇ؛ تەخمىنەن مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئاخايدلار بېسىپ كىرىپ بۇ جاينى بويسۇندۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن لاكونىيە (ۋە پۈتۈن پېلوپوننېس) مىكىناي مەدەنىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅺ ئەسىردە (دوريالارنىڭ بىر تارمىقى بۇ جايغا بېسى كىرىپ مېكىناي مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلغان) پەيدىنپەي لاكونىيىنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىردە ئېۋروناس دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدا سپارتا شەھىرى باش كۆتۈرگەن. قەدىمكى زاماندا، لاكونىيە بەزىدە لاسېدېمون دەپمۇ ئاتالغان.