Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
拉福莱特
دۇنيا تارىخى
لافوللېت
(1855 - 1925) ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى. 1879 - يىلى ۋىسكونىسىن ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن، كېيىن ئادۋوكات بولغان. 1885 - 1891 - يىللىرى ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان. <ماك - كىنلى چېگرا بېجى قانۇنى>نى تۈزۈشكە ياردەملەشكەن. ئۈچ قېتىم ۋىسكونىسىن شتاتىنىڭ شتاب باشلىقى (1900 - 1906) بولغان. 1907 - 1925 - يىللىرى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە تىنچلىقپەرۋەر بولغان. زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتى پروگراممىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن، تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە كۈچ چىقىرىپ، ئۈچىنچى پارتىيە قۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 1924 - يىلى تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى تەرىپىدىن زۇڭتۇڭ نامزاتى قىلىپ بەلگىلەنگەن. لېكىن سايلام رىقابىتىدە مەغلۇپ بولغان. <تەرجىمىھال - سىياسىي كۈچۈرمىشلىرىم ھەققىدە بايان> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.