Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لافايېت
دۇنيا تارىخى
拉法夷特
lā fǎ yí tè
(1757 - 1834)فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي دەۋرىدىكى پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنچىلارنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى، گېنېرال. ئاقسۆڭەكلىكتىن كېلىپ چىققان. شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتنىشپ، <يېڭى دۇنيانىڭ قەھرىمانى> دېگەن نامغا ئىگە بولغان. 1787 - يىلدىكى فرانسىيە <ئاقسۆڭەكلەر يىغىنى>دا كورۇلنىڭ باج سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىرىشنى تەلەپ قىلغان، <مىللىي پارلامېنت> دېگەن نامنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويغان. 1789 - يىلى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە ئۈچىنچى تەبىقە بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلغان ئىمتىيازلىق تەبىقىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى، مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىقىغا سايلانغان. ئۆكتەبر ۋەقەسىدە پادىشاھ جەمەتىنى قوغداپ پارىژغا ئەكىلىپ قويغان. 1790 - يىلى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى مارس مەيدانىدىكى قانلىق ۋەقەنى پەيدا قىلغان. 1792 - يىلى 10 - ئاۋغۇست ئىنقىلابىدىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، سەپەر ئۈسىتىدە ئاۋسترىيە ئارمىيىسگە ئەسىرگە چۈشۈپ بەش يىل قاماپ قويۇلغان. 1797 - يىلى <كامپوفورمىئو سۈلھ شەرتنامىسى> گە ئاساسەن قويۇپ بېرىلگەن. ئىجرائىيە ھۆكۈمىتى ۋە بىرىنچى ئىمپېرىيە دەۋرىدە خىزمەتتن چېكىنىپ يېزىدا ئۆزىنى دالدىغا ئالغان. بوربون خاندانلىقى تىرىلگەندىن كېيىن پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىپ، لىبېرالىزمچى ئۆكتىچىلەرنىڭ داھىيىسىدىن بىرىگە ئايلانغان. 1830 - يىل ئىيۇل ئىنقىلابىدا مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىتىپ، ئورلىئان كېنەزىنى يۆلەپ تەختكە چىقارغان. ئەسلىمە ۋە خەت - چەكلەر توپلىمى بار.