Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
拉丁同盟
دۇنيا تارىخى
لاتىن ئىتتىپاقى
قەدىمكى ئىتالىيەنىڭ لاتىئۇم رايونىدىكى لاتىنلارنىڭ تەخمىنەن 30 دەك كىچىك شەھەرلىرى تۈزگەن ئىتتىپاق. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىر ئەتراپىدا شەكىللەنگەن. ئارىسىيە (رىم شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش ھەرقايسى شەھەرلەر باراۋەر بولۇپ، بىرلىكتە باشقا قەبىلىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان. رىم ئەتراپىدىكى دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، مىلادىدىن 493 يىل ئىلگىرى ئىتتىپاققا قاتناشقان، ئىتتىپاقتا مەنپەئەتكە ئىگە بولغاچقا تاشقى دۈشمەنلەرنى كۆپ قېتىم يېڭىپ، ئورنى كۈنسايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھەمدە ئىتتىپاقنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئىتتىپاقتىكى باشقا شەھەرلەر رىمنىڭ كۈچىيىشى ھەمدە ئىمتىيازدىن بەھرىمان بولۇشىنى خالىمىغاچقا، رىم سېناتتىك يېرىم سان يەنى 150 ئورۇن ۋە ئىككى كونسۇلنىڭ بىرى شەھىرىدىن باشقا ئىتتىپاق شەھەرلىرى ئارىسىدىن مەيدانغا كېلىشى كېرەك دېگەن تەلەپنى ئوتتۇرغا قويغان. رىم بۇ تەلەپنى رەت قىلغاچقا <لاتىن ئىتتىپاقى ئۇرۇشى> (مىلادىدىن ئىلگىرى 340 - 338) پارتلىغان. نەتىجىدە رىم غەلىبە قىلىپ، ئىتتىپاق پارچىلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن لاتىئۇم پۈتۈنلەي رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان.